Back to Languages
Uighur - Chapter 80
Translation by Muhammad Saleh
Verse 1
يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى
Verse 2

Verse 3
(ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن
Verse 4
ياكى ۋەز - نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن
Verse 5
ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)
Verse 6

Verse 7
ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى
Verse 8
سەندىن مەرىپەت تىلەپ، اﷲ تىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك
Verse 9
سەندىن مەرىپەت تىلەپ، اﷲ تىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك،
Verse 10
سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن
Verse 11
(بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر
Verse 12
خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ
Verse 13
ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر
Verse 14

Verse 15
(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر
Verse 16
(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر
Verse 17
ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى
Verse 18
اﷲ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟
Verse 19
اﷲ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغۇچە) اﷲ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن - پەي ياراتتى
Verse 20
ئاندىن ئۇنىڭغا (ماڭار) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى
Verse 21
ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى
Verse 22
ئاندىن اﷲ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ
Verse 23
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ اﷲ نىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى
Verse 24
(بۇ كاپىر) ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن
Verse 25
(بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق
Verse 26
ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق
Verse 27
سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق
Verse 28

Verse 29

Verse 30

Verse 31

Verse 32

Verse 33
(قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)
Verse 34
ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ
Verse 35

Verse 36

Verse 37
ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ
Verse 38
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال - خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ
Verse 39
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال - خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ
Verse 40
يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ - توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ
Verse 41
يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ - توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ
Verse 42
بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر